Previous
Next

ئەپ تونۇشتۇرۇلۇشى

قابىللار مالىيە-ئىقتىساد ئەپ دېتالى (APP سى) دۆلەت ئىچىدىكى كەسپىي مالىيە-ئىقتىساد خەۋەرلىرى يۇمشاق دېتالى ۋە سودا قورالى بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. پۈتكۈل يەر شارىدىكى 7×24 سائەتلىك مالىيە-ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، دەل ۋاقتىدا تاشقى پېرېۋوت، قەرەللىك مال، پاي چېكى، خام نېفىت، قىممەت مېتال قاتارلىق مالىيە-ئىقتىساد تېز خەۋەرلىرىنى تەۋسىيە قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ توغرا سودىلىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بىز ھەققىدە

     شاڭخەي سوڭتې پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قانۇنىي ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە تولۇق مەبلەغ سالغان، شىنجاڭ قابىللار مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى باشقۇرۇش-يۈرگۈزۈش خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان، قوش تىلدىكى «قابىللار ئىقتىساد تاراتقۇ سىستېمىسى» تۈرى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

    مەزكۇر تۈرنى يۈرگۈزۈش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان «قابىللار مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى پىلانلاش؛ كارخانا ئوبرازىنى لايىھەلەش؛ سودا ئۇچۇرلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش؛ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى؛ كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش؛ كومپيۇتېردا سۈرەت-يېزىق بىرتەرەپ قىلىش؛ تەرجىمە مۇلازىمىتى؛ كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى؛ بازار پىلانلاش، بازار كېڭەيتىش، بازار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش؛ يۇمشاق دېتال ئېچىش ۋە مەسلىھەت بېرىش؛ كىتاب، ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى پىلانلاش، ئىشلەش ۋە تاراتقۇ يۆنىلىشى بويىچە جەمئىيەتكە ئاشكارا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ياش شىركەتتۇر.

   شىركەت كوللېكتىپى 18 نەپەر قابىل خادىمدىن تەشكىللەنگەن، تېماتىك پىلان، بازار تەھلىلى، تەرجىمە، ئىجادىيەت، تەھرىرلىك، تەتقىقات، لايىھە جەھەتتىن كۈچلۈك ئەۋزەللىككە ئىگە. يىرىك تەرجىمىلىرىمىز، ئىجادىي ئەسەرلىرىمىز ۋە كىتابلىرىمىز ئىزچىل يورۇقلۇققا چىقماقتا…

     شاڭخەي سوڭتې پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى «قابىللار ئىقتىساد تاراتقۇ سىستېمىسى» تۈرىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى ھېسابلىنىدىغان «قابىللار ئىقتىساد دەرسخانىسى» ئۈندىدار سالونى 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئىقتىسادقا ئالاقىدار 380 پارچىدىن ئارتۇق نوپۇزلۇق ئىجادىي ماقالە ئېلان قىلىندى، ئومۇمىي ئوقۇلۇشى 600 مىڭدىن ئاشتى.

   2020-يىلى 8-ئايدا، «قابىللار ئىقتىساد تاراتقۇ سىستېمىسى» تۈرىنىڭ كوزىرى – «قابىللار ئىقتىساد بىلىملىرى ئەپ دېتالى» قۇرۇلۇشى رەسمىي قوزغىتىلدى. ئەپ تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مالىيە-ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى، پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرلىرى، پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە مالىيە-ئىقتىساد كالىندارى بىلەن تەمىنلەيدىغان، «نەق ۋاقىت يەتكۈزۈش خاراكتېرى»دىكى قوش تىللىق نوپۇزلۇق تاراتقۇغا ئايلىنىدۇ…

مۇلازىمەت تۈرلىرىمىز

مالىيە-ئىقتىساد ئۇچۇر مۇلازىمىتى

ئابۇنىتلارنى پۈتۈن دۇنيانىڭ نەق ۋاقىت مالىيە-ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى، سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە مالىيە-ئىقتىساد كالىندارى بىلەن تەمىنلەيمىز.

بىلىم مۇلازىمىتى

ئابۇنىتلارنى مەبلەغ سېلىش، روزغارلىق، پاي چېكى، قەرەللىك مال، نەق مال، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق پۇل مۇئامىلىگە دائىر كەسپىي بىلىملەر بىلەن تەمىنلەيمىز.

باشقا مۇلازىمەت

قەرەللىك ھالدا ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر نوپۇزلۇق كىتاب-ماتېرىيالارنى، دەرسلىكلەرنى تەتقىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، ئابۇنىتلىرىمىزنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىمىز.

كۆڭۈل سۆزىمىز

ئەتىمىز ئېنىقسىزلىققا تولغان، شۇڭا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ ياشايمىز. بۇ، ھەربىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى لايىھەلەشتە بەلگىلىك بوشلۇققا ئىگىدارلىق قىلالايدىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ.
شاڭخەي سوڭتې پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ۋە قابىللار كوللېكتىپى قولنى قولغا تۇتۇشۇپ ئەڭ سۈپەتلىك «ماتېرىيال»لار بىلەن، كەلگۈسى بوشلۇقىڭىزنى زىننەتلەش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ!